تۈركىيە چەت ئەللىكلەرگە ۋىزىنى ئاسانلاشتۇردى

چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر 3 مىنۇت ئىچىدىلا ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا «eE-Viz» غا ئېرىشمەكتە.

658802
تۈركىيە چەت ئەللىكلەرگە ۋىزىنى ئاسانلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 4 يىلدىن بۇيان 16 مىليون 200 مىڭ چەت ئەللىك 3 مىنۇت ئىچىدە تۈركىيە ۋىزىسىغا ئېرىشەلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا كۆرە، چېگرا ئېغىزىدا بېرىلىدىغان چاپلىما ۋىزىلارنىڭ ئورنىغا 2013 – يىلى 17 – ئاپرېلدا ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا يولغا قويۇلغان ئىدى.

ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا «eE-Viz» يولغا قويۇلغان 2013 – يىلى 17 – ئاپرېلدىن 2017 – يىلى 1 - يانۋارغا قەدەر جەمئىي 18 مىليون 452 مىڭ چەت ئەللىك ساياھەتچى  ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا «eE-Viz»غا ئىلتىماس سۇنغان.

بۇ ئىلتىماس سۇنغۇچىلاردىن 16 مىليون 199 مىڭ 968 كىشى ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا ئالغان. نورمال ۋىزىنىڭ ئورنىغا ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا ئېلىش نىسبىتى %87.79 ئاشقان.  

ئەڭ كۆپ ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا ئالغان دۆلەتلەر رەت بويىچە:

ئەنگلىيەدىن 4 مىليون 600 مىڭ،

ئىراقتىن 2 مىليون،

گوللاندىيەدىن 1 مىليون 800 مىڭ،

بېلگىيەدىن 938 مىڭ،

پولشادىن 831 مىڭ،

ئامېرىكىدىن 755 مىڭ،

سەئۇدى ئەرەبىستاندىن 684 مىڭ،

نورۋېگىيەدىن 593 مىڭ،

ئاۋستىرىيەدىن 523 مىڭ،

خىتايدىن 501 مىڭ كىشى ئېلېكترونلۇق ۋىزا ئالغان.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا «eE-Viz»غا ئىلتىماس سۇنىلىدىغان «www.evisa.gov.tr» تور بېتى خىتايچىدىن گوللاندىيە تىلىغىچە جەمئىي 9 تىلدا مۇلازىمەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر