بىنالى يىلدىرىم «تۈزۈم ئۆزگەرسە، تۈركىيە قولدىن كېتىدۇ» دېيىشىۋاتقانلارغا جاۋاب قايتۇردى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم: «تۈركىيە بىر يەرگە كېتىپ قالغىنى يوق، ئەسلىدە ئۆزلىرى كېتىپ قالىدۇ» دېدى.

658918
بىنالى يىلدىرىم «تۈزۈم ئۆزگەرسە، تۈركىيە قولدىن كېتىدۇ» دېيىشىۋاتقانلارغا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ۋىلايەتلىك باشلىقلىرى يىغىنىدىكى قىلغان سۆزىدە، سۈرىيەدە تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تازىلىنىشى ئۈچۈن 24 – ئاۋغۇستتا باشلانغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ئۈستىدە توختىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د غا ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى تۈركىيەنىڭ تىنىمسىز كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ،ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە ئۈزلۈكسىز ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بىنالى يىلدىرىم دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسى ھەققىدە بولسا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)نىڭ بۇ ھەقتە ئۆز قارارىنى بەرگەنلىكىنى ھەمدە خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىلىك تاماملانغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلقنىڭ رايىغا سۇنۇش ئىشلىرىنىڭ ئاپرېلنىڭ ئوتتۇرىدىن 20 – كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

بۇ ھەپتە ئىچىدە خەلقنىڭ رايىغا سۇنۇش ۋاقتى ئېنىق بەلگىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىنالى يىلدىرىم، دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەستىقىغا سۇنۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ قانۇننىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەستىقىدىن كېيىن، رەسمىي گېزىتتا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدىن 60 – كۈنىدىن كېيىنكى تۇنجى يەكشەنبە كۈنىدە خەلقنىڭ رايىغا سۇنۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىنالى يىلدىرىم تۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدە توختىلىپ: «<تۈزۈم ئۆزگەرسە، تۈركىيە قولدىن كېتىدۇ> دېيىشىۋاتقانلار ئەسلىدە ئۆزلىرى كېتىپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ پەريادۇ – پىغانلىرى تۈركىيە ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈندۇر. تۈركىيە بىر يەرگە كېتىپ قالغىنى يوق، تۈركىيە مۇستەھكەم قەدەملەر بىلەن زامانىۋىي مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر