ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئالاقىدار 3 كىشى قولغا چۈشۈرۈلدى

ھۇجۇمچىدىن بىرسىنىڭ د ھ ك پ ج تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا شەرىف تۇرۇنچ ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

656579
ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئالاقىدار 3 كىشى قولغا چۈشۈرۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا ساقچى ئىدارىسىغا ھەمدە ئادالەت ۋە تەرققىيات پارتىيەسى بىناسىغا ھۇجۇم قىلغان تېررورچىلاردىن بىرسىنىڭ د ھ ك پ ج تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا شەرىف تۇرۇنچ ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

شەرىف تۇرۇنچنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىدە بارلىقى ئېلان قىلىندى.

ھۇجۇم قىلغان 2 - تېررورچىنىڭ بولسا، شەرىف تۇرۇنچ بىلەن بىرلىكتە ئۆتكەن يىلى قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەدىن تۈركىيە كىرگەن بىلگەخان كارپات بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ ئارىلىقتا ئىتسانبۇلدا تېررورلۇق تەشكىلاتى د ھ ك پ ج غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 3 كىشى قولغا ئېلىندى.

گۇماندارلار قانۇنسىز يىغىن ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈش شۇنداقلا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى نامىدىن پائالىيەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

گۇماندارلاردىن بىرسىگە 1 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر