«تۈركىيە خەلقى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا ئاشىق»

باش مىنىستىر يىلدىرىم تۈركىيە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا ئاشىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

656329
«تۈركىيە خەلقى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا ئاشىق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە تەستىقلىنىشىدىن كېيىن ئومۇمىي كېڭەشكە خىتاب قىلىپ، رەھمەت ئېيتتى.

تۈركىيە خەلقىنىڭ ئەڭ توغرا قارارنى بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن يىلدىرىم مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى خەلقىمىزنىڭ قولىدا. شۇڭا بۇ ئىشنى ئۆز ساھىبىغا ھاۋالە قىلىمىز. ئەمدى نۆۋەت خەلقىمىزنىڭ قارار بېرىشىگە كەلدى. خەلقىمىزمۇ ئەڭ توغرا قارارنى بېرىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تۈركىيە خەلقى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا ئاشىقتۇر. تۈركىيە خەلقىدەك جاسارەت ئابىدەسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش ھەممىمىز ئۈچۈن مىسلىسىز شان – شەرەپتۇر. ئەزىز خەلقىمىز بۇ مەجلىسنى 1920 يىلى قۇرغانىدى. چۈنكى مۇستەقىللىقىنى بىۋاسىتە ئۆزى قازانغانىدى. شۇڭا جۇمھۇرىيەتكە ساھىب چىقىپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۈگۈنكى كۈنگە ئېلىپ كەلدى.»

تۈركىيە خەلقىنىڭ 15 – ئىيۇل كېچىسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى بىلەن بىرلىكتە دۆلىتى ھەم ھۆكۈمىتىنى جان تىكىپ قوغدىغانلىقىنى، پۈتكۈل جاھاننىڭ تۈركىيە خەلقىنىڭ جاسارىتىگە ھەيران قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن يىلدىرىم مۇنداق دېدى: «خەلقىمىز جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ھەر بىر سايلامدا ئەڭ توغرا قارارنى بەردى. شۇڭا ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش مەسىلىسىدىمۇ ئەڭ توغرا قارارنى بېرىدۇ. دەرۋەقە، خەلقىمىزنىڭ قارارى ئەڭ توغرا قارار بولىدۇ. جۈملىدىن خەلقىمىز نېمىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ناھايتى ئوبدان بىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر