ئەردوغان: تۈركىيە ئەمدىلىكتە مۇداپىئەنى تاشلاپ، ھۇجۇم ۋەزىيتىگە ئۆتتى

ئەردوغان: « دېگەن پىرىنسىپ بويىچە كۈرەش دائىرىمىزنى كېڭەيتىمىز» دېدى.

655174
ئەردوغان: تۈركىيە ئەمدىلىكتە مۇداپىئەنى تاشلاپ، ھۇجۇم ۋەزىيتىگە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە ۋەزىيىتىدىن چىقىپ ھۇجۇم ۋەزىيىتىگە ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى. 

ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە 35–نۆۋەتلىك مەھەللە باشلىقلىرى يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «ھېچبىرىنىڭ كېلىپ، دۆلىتىمىزدە بىزگە تېررورلۇق بىلەن، ئىقتىساد بىلەن، خىيانەتچى شايكىلىرى بىلەن مۇشت ئېتىشىغا يول قويمايمىز. تەھدىتنىڭ مەنبەسى قەيەردە بولسا، ئۇدۇل بېرىپ يىلاننىڭ بېشىنى يەنچىپ تاشلاشتا ئىرادىمىز قەتئىي. بۇنى ئوبدان بىلىپ قويۇڭلار» دېدى.

تېررورلۇقنى قەتئىي قۇرۇتۇپ تاشلاش ئۈچۈن كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «<تۈركىيەنىڭ يېنىدا بولمىغانلار، قارشى مەيداندا تۇرۇۋاتقانلاردۇر> دېگەن پىرىنسىپ بويىچە كۈرەش دائىرىمىزنى كېڭەيتىمىز. بىزنى كۆمۈشكە ئۇرۇنغانلارغا قارىتا بايرىقىمىزنى ئەڭ ئېگىزگە تېكىپ، ئەزانىمىزنى ئەڭ يۇقىرى ياڭرىتىپ، ئىتتىپاقلىقىمىز ۋە باراۋرەلىكىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ جاۋاب قايتۇرىمىز» دېدى.

ئەردوغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇ: «ئەلبابتىكى قورشاۋغا ئېلىش ھەرىكىتى پۈتۈن سۈرئىتى بىلەن داۋاملىشىۋاتىدۇ. دائېش ئەمدىلىكتە قېچىشقا باشلىدى. پ ي د ۋە ي پ گ بىلەنمۇ كۈرەشلىرىمىز داۋاملاشماقتا ۋە داۋاملىشىدۇ. چۈنكى بىزگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن قانداقلا ئامىل بولسا، ئۇلارنى تەھدىت بولۇۋاتقان رايونلاردىن سۈپۈرۈپ تاشلايمىز. بىز دائىم <تېررورلۇقتىن پاكلانغان بىخەتەر رايون> دېگەننى تەكىتلەپ كەلمىدۇقمۇ؟ بۇ بىزنىڭ ھوقۇقىمىز» دېدى. 

ئەردوغان ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىغىلى بولىدىغان ئەلباب ھەرىكىتىنىڭ بۇنداق ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبلەرنى تولىمۇ ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ھەرىكەتلەر ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ: «بىر دۆلەتكە خائىنلىق قىلىپ، يەنە ئۇ خائىنلار دۆلەتنىڭ ئىچىدە بولىدىغان، سىز يېڭىدىن قۇرۇش ۋە بەرپا قىلىش ھەرىكىتى قوزغىسىڭىزمۇ يەنە بۇ مىكروب، ۋىرۇسلار، بۇ خائىنلار تۇرغان يېرىدە تۇرۇۋېرىدىغان ئىش يوق، گەرچە تازىلاش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ تۈگىگىنى يوق، قىلىشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بار. بۇلارنى چوقۇم يوقىتىمىز، يوقاتماي قەتئىي بولمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر