چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىدا

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولماقتا.

654697
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئەتە تۈركىيەگە ۋەكالىتەن ئامېرىكىنىڭ 45 – پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىدۇ.

مۇراسىملار ھارپىسىدا ئامېرىكا ئىچكى كابېنتىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلار بىلەن كۆرۈشكەن چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن گېنېرال مايكېل فلىن بىلەن ناشتىلىق زىياپىتىدە بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇچرىشىشتا، چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئامېرىكىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى، بولۇپمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن كۈتىدىغانلىرى ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

چاۋۇشئوغلۇ ناشتىلىق زىياپىتىدىن كېيىن كۈن بويى ترامپنىڭ ئىچكى كابېنتىدىن مەسئۇل دائىرىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ترامپنىڭ ئىچكى كابېنتىغا تۈركىيەنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن ھەمدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ  12 – يانۋار كۈنى «‹ Washington Post› گېزىتى» گە يازغان ماقالىسىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيە خەلقىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر