دىيارباكىردا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى
دىيارباكىردا ساقچىلاr بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيارباكىردا ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.
دىيارباكىرنىڭ سۇر ناھىيەسىدە دىجلە ئۇنىۋېرستېتىغا يېقىن بىر جايدا ساقچىلارغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا، دەسلەپكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىر ساقچى شېھىت بولدى، تۆت ساقچى يارىلاندى.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ساقچى ئاپتوموبىلى دىجلە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ھارىفرىيات مەيدانىغا يېقىن بىر جايدىن ئۆتۈۋاتقاندا پ ك ك تېررورىستلىرى يول بويىغا كۆمۈپ قويغان سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان بومبىنى پارتلاتقان. پارتلاشتا، بىر ساقچى شېھىت بولغان، تۆت ساقچى يارىلانغان. يارىدار داقچىلار دىجلە ئۇنىۋېرستېتى تىببىي فاكۇلتېتى دوختۇرخانىسىدا داۋالاش ئاستىغا ئېلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.