«ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى يوللۇقلاشتۇرۇشنى تاشلىشى كېرەك»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى يوللۇقلاشتۇرۇشنى تاشلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

649621
«ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى يوللۇقلاشتۇرۇشنى تاشلىشى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تۋىتتېر ئادرېسىدىكى پ ي د / ي پ گ نىڭ خائىن تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن باياناتلارغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى توختىتىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى يوللۇقلاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن قالىن، «بۇ بىر چاقچاقمۇ ياكى ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئەقلىدىن ئازدىمۇ؟ ھەقىقەتەن بىرسى بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، دەپ ئويلامسىلەر؟ ئامېرىكا تېررورچى گۇرۇپپىلارنى يوللۇقلاشتۇرۇشنى تاشلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مەركىزىي قوماندانلىقى ئىشتابى تۈنۈگۈن تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، كۆپ قىسمىنى PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە قانىتى پ ي د / ي پ گ تەشكىل قىلىدىغان سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرىنى «PKK بىلەن ئالاقىسى يوق» دېيىش ئارقىلىق پ ي د نى قوللىغانىدى.

مەزكۇر ئۇچۇر بىلەن بىرلىكتە سۇرىيە دېموكراتىك كۈچلىرىنىڭ باياناتىنىڭ سۈرىتىنى ئورتاقلاشقان ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىقى، باياناتىنىڭ ئۈستىگە «سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى، PKK بىلەن ھېچقانداق رىشتىسى ياكى ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى قوبۇل قىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىلاۋە قىلىش ئارقىلىق پ ي د نىڭ باياناتچىلىقىنى قىلغانىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېرمۇ تۈنۈگۈنكى كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىلدە سۈرىيە مەسىلىگە چارە ئىزدەش مۇساپىسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر