تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى دەۋر باشلىنىش ئالدىدا

20-يانۋار ئامېرىكىنىڭ پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالىدىغان دونالد ترامپ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئىجابىي بېشارەتلەرنى بەردى.

649660
تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى دەۋر باشلىنىش ئالدىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ تۈركىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ۋە خەلقىنىڭ ئامېرىكىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ماقالىسىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنگىچە يولغا قويۇپ كەلگەن سىياسەتلىرىنىڭ تۈركىيەنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، يېڭى دەۋردە ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ئىشەنچنىڭ قايتىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھېچقايسى دۆلەتنىڭ تۈركىيەدەك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكىنى، بولۇپمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئەڭ ئۈنۈملۈك كۈرەشنى يەنە تۈركىيەنىڭ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ جىددىيچىلىككە تولغان بىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، بۇنىڭغا ئاقساراي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ئېلان قىلغان باياناتلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ ئامېرىكانىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، رايوندا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى پ ي د بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان ۋە تۈركىيە خەلقى بىلەن دېموكراتىيەنى زەربە نىشانى قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ بىر ئىتتىپاقداش دۆلەتتە پاناھلىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى ۋە باشقا تېررورىستلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر