تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى دەۋىر باشلىدى

ئىسرائىلىيەنىڭ ئۈچ شەرتنى ئورۇندىشى نەتىجىسىدە تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.

648993
تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى دەۋىر باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيە تەلەپ قىلغان ئۈچ شەرتنى ئورۇندىشى نەتىجىسىدە،  تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى دەۋىر باشلىدى.

ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن مۇھاسىرە قىلىنغان غەززەگە ياردەم بۇيۇملىرى ئېلىپ ماڭغان ماۋى مارمارا پاراخوتىغا 2010-يىلى 31-مايدا خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىسرائىلىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىپ 10 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشى سەۋەبىدىن، تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىدە سۈركىلىش كېلىپ چىققانىدى.

ئالتە يىل داۋاملاشقان كىرىزىستىن كېيىن ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەدىن كەچۈرۈم سورىشى، غەززەگە بولغان مۇھاسىرىسىنى يۇمشىتىشى ۋە ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تۆلەم بېرىشىدىن كېيىن، ھەر ئىككى دۆلەت باش ئەلچىلەر تەيىنلەشتى.  

ئەنقەرە-تېل ئاۋىۋ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، يېقىندا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سىياسىي كېڭەشلەرمۇ قويۇق بولىدۇ، ئارقىدىن ئالىي رەھبەرلەر سەۋىيەسىدە ئۆز-ئارا زىيارەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئىسرائىلىيە زىيارىتى ئۈچۈن خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.

ساياھەت، مەدەنىيەت، سودا ۋە تەنتەربىيە ساھەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ توختاپ قالماي ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى، تۈركىيە-ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 2 مىليارد 500 مىليون دوللاردىن 5 مىليارد دوللارغا چىققانلىقىنى قەيت قىلىشتى.

ئىقتىسادىي ساھەلەردىمۇ ئىلگىرىلەش ھاسىل بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن دىپلوماتلار، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن سودا كېلىشىمىنى قايتىدىن يېڭىلاپ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىمۇ ئويلىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر