تۈركىيە باشىكا لاگېرىدىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە دائىر پوزىتسىيەسىنى تەكىتلىدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق، مۇخبىرلارنىڭ دېگەندەك باياناتلىرىغا دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

649010
تۈركىيە باشىكا لاگېرىدىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە دائىر پوزىتسىيەسىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق، تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراق مۇسۇل شەھىرىدىكى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى تازىلىنىپ بولغۇچە ئۇ يەردىكى باشىكا لاگېرىدا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «پۈتكۈل رايون دائېشتىن خالىيلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن ئىراق باشىكا لاگېرى توغرىسىدا سۆزلىشىمىز» دېدى.

فىكرى ئىشىق قىرىققەلئە شەھىرىدە مۇخبىرلارنىڭ <ئىراق ئەمەلدارلىرىنىڭ تۈنۈگۈندىن بۇيان ئېلان قىلغان "تۈركىيە ئەسكەرلىرى باشىكادىن چېكىنىدۇ"> دېگەندەك باياناتلىرىغا دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «مۇسۇلنىڭ دائىشتىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى ئىراققا ئوخشاشلا تۈركىيە ئۈچۈنمۇ مۇھىم. باشىكادا تۈركىيە ئەسكىرىنىڭ بولۇشى ناھايىتى مۇھىم. ھازىرغىچە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا 700 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى» دېدى ۋە رايون تېررورچى ئۇنسۇرلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىراقلىق ئەمەلدارلار بىلەن باشىكا لاگېرى توغرىسىدا قايتىدىن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ھەپتە ئاخىرىدا ئىراقتا زىيارەتتە بولغان باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ باشىكادىكى مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر