تۈركىيە ئارمىيەسى دائېشنىڭ 19 ئەزاسىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ئۇتۇقلۇق داۋاملاشتۇرۇلماقتا.

648013
تۈركىيە ئارمىيەسى دائېشنىڭ 19 ئەزاسىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان تۈنۈگۈنكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 19 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

ھەرىكەت ئەسناسىدا پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، مۇداپىئە ئىستىھكاملىرى، قوماندانلىق مەركىزى بولۇپ دائېشقا تەۋە 340 نىشانغا زەربە بېرىلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەلباب، بزاگاھ ۋە سۇفلانىييەدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، مۇداپىئە ئىستىھكاملىرى، قوماندانلىق مەزكىرى بولۇپ 27 نىشان يوقىتىلدى.

قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 3 مىناميوت ۋە 3 قوراللىق ئاپتوموبىلىمۇ يوقىتىپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر