تۈركىيە سىنا يېرىم ئارىلىدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

ئاپتومۇبىل بومبا ھۇجۇمدا، 4 پۇقرا بىلەن قوشۇلۇپ، 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 10 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

648488
تۈركىيە سىنا يېرىم ئارىلىدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىسىرنىڭ سىنا يېرىم ئارىلىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مىسىرنىڭ شىمالىي سىنا رايونىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، «ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، دوست مىسىر خەلقى بىلەن ئازابلىق ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر – تاقەت ۋە يارىدار بولغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تىلەيمىز» دېيىلدى.

مىسىردا سىنا يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى ئارىش شەھىرىنىڭ مەشائىد رايونىدا تۈنۈگۈن ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتىغا ئاپتومۇبىل بومبا ھۇجۇمدا، 4 پۇقرا بىلەن قوشۇلۇپ، 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 10 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر