تۈركىيە تېررورلۇققا ئېغىر زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدىكى تېررورچىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

647465
تۈركىيە تېررورلۇققا ئېغىر زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى 235 ئايرىم زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ جەرياندا 9 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەزكۇر زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم قىلغانلىقى، ھەمنەپەس بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان 344 كىشىدىن 36 سى تۇتقۇن قىلىندى.

زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا تېررورچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان ئۆڭكۈرلەر ۋەيران قىلىندى، كۆپ مىقداردا پارتلاتقۇچ ماددا ۋە ئوق – دورا قولغا چۈشۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر