«ئامېرىكا ۋە بىرلەشمە كۈچلەر ئىنجىرلىك بازىسىنىڭ قىممىتىنى ياخشى بىلىدۇ»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون)، «دائېشقا قارشى بىرلەشمە، ئىنجىرلىك بازىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە دائىر رۇخسەتنىڭ قىممىتىنى ياخشى بىلىدۇ» غانلىقىنى بىلدۈردى.

645577
«ئامېرىكا ۋە بىرلەشمە كۈچلەر ئىنجىرلىك بازىسىنىڭ قىممىتىنى ياخشى بىلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنتاگون باياناتچىسى پېتېر كۇك، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى بىرلەشمىنىڭ ئادانادىكى ئىنجىرلىك بازىسىدىن پايدىلانغانلىقىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىقنىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىنجىرلىكتىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ ئەلبابتىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ھەمنەپەس بولماسلىقىنىڭ ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغانلىقى» ھەققىدىكى سۆزلىرىنىڭ ئەسلىتىپ ئۆتۈلۈشىدىن كېيىن پېتېر كۇك، «ئىنجىرلىكنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ۋە بىرلەشمىنىڭ بۇنىڭدىن قانچىلىك مىننەتدار ئىكەنلىكىنى تۈنۈگۈن پولكوۋنىك دورىيىندىن ئاڭلىدىڭلار. تۈركىيە بىلەن سۆھبەتلىرىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتچى كۇك، تۈرك پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىنجىرلىك بازىسىغا ئالاقىدار سۆزلىرى توغرىسىدا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېرنىڭ تۈرك مەنسەپدىشى بىلەن كۆرۈشۈپ – كۆرۈشمىگەنلىكىگە دائىر بىر سوئالغا بولسا، «تۈركلەر بىلەن مەخسۇس سۆھبەتلىرىمىز داۋاملاشماقتا. تۈركلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر بىر ئالاھىدە ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئورتاقلاشمايمەن، ئەمما، ئىنجىرلىكتىن قوزغىلىپ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايمىز» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر