ئەردوغان: بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەن پەسكەشلەرنى كۈتۈش ۋە بېقىش ھەققىمىز يوق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شانلىئۇرفادىكى كوللېكتىپ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى ئۈستىدە توختالدى.

645985
ئەردوغان: بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەن پەسكەشلەرنى كۈتۈش ۋە بېقىش ھەققىمىز يوق

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۆزى قانغا تولغان قاتىللار گۇرۇھىنىڭ ئاشكارا ھەمكارلىق ئىچىدە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۆلۈم جازاسى پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن تەقدىردە مەنمۇ تەستىقلايمەن. چۈنكى بىر قاتىلنى ئەپۇ قىلىش دۆلەتنىڭ ھەققى ئەمەس. بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەن بۇ پەسكەشلەرنى كۈتۈش ۋە بېقىشقا ئوخشاش بىر ھەققىمىز يوق» دېدى.

ئەردوغان شانلىئۇرفادىكى كوللېكتىپ ئېچىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى. ئىزمىر سوت مەھكىمىسى بىناسى ئالدىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ۋەقەدىن كېيىن قولغا چۈشۈرۈلگەن قورال، بومبا ۋە ئوق، ئەسلىھەلەرنىڭ ئەسلىدە ئىزمىردا ئىنتايىن چوڭ بىر قەتلىئام ئېلىپ بېرىشماقچى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ساقچىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى سايىسىدا تېررورچىلارنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتى ئالدىدا توختىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، چوڭ بىر بالايى – قازانىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: «كۆزى قانغا تولغان قاتىللار گۇرۇھلىرى ئاشكارا ھەمكارلىق ئىچىدە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۆلۈم جازاسى پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن تەقدىردە مەنمۇ تەستىقلايمەن. چۈنكى بىر قاتىلنى ئەپۇ قىلىش دۆلەتنىڭ ھەققى ئەمەس. بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەن بۇ پەسكەشلەرنى كۈتۈش ۋە بېقىشقا ئوخشاش بىر ھەققىمىز يوق» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئەمدى شۇ ھەقىقەتنى ھېچ كىشى ئىنكار قىلالمايدۇكى، بۇ تەشكىلاتلارنى مەلۇم كۈچلەر ئالاھىدە قوراللاندۇرۇپ تۈركىيەگە سالماقتا. بۈگۈنكى كۈندە رايون خاراكتېرلىك يېڭى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بىزگە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى يۈزلەندۈرىۋاتقانلار ئەتە ئوخشاش ئۆتنىڭ ئۆزلىرىنى كۆيدۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆرگەندە قىلمىشلىرىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. بىراق ئۇ چاغدا تولىمۇ كېچىككەن بولىدۇ» دېگەنلەرنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر