تۈركىيە ئارمىيەسى دائېشقا ئېغىر زەربە بەردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى غەلىبىلىك داۋام قىلماقتا.

645622
تۈركىيە ئارمىيەسى دائېشقا ئېغىر زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىدە دائېش ئەزاسى 32 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە 119 نىشانغا قۇرۇقلۇقتىن، 21 نىشانغا ھاۋادىن زەربە بېرىلدى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئايروپىلانلىرى ئەلباب ۋە بزاگاھتىكى دائېش نىشانلىرىغا قارشى ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، قارارگاھ بىنالىرى، كونترول نۇقتىسى، قورال ۋە ئاپتوموبىللىرىنى يوقىتىپ تاشلىدى.

دائېشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان جايلاردا 16 دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ چۇۋۇپ تاشلاندى.

ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا رايوندا ياشايدىغان پۇقرالارغا زىيان يېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇپ، كۈچلۈك سەزگۈرلۈك بىلەن ھەرىكەت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر