ئەردوغان تېررورلۇق ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەگە يۈزلىنىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ مەنبەسىنى يوقۇتۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

645278
ئەردوغان تېررورلۇق ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە كېچورەن مىترو ئىستانسىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيەگە ئۇدۇل ئالدىنى قىلالمايۋاتقانلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش ۋە ئارقىسىدىن خەنجەرلەشنىڭ ھېسابىنى قىلىۋاتقانلىقىنى، بىراق تۈركىيەنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئەردوغان: «بىزنى بىر چاغلاردا دائېشقا قارشى كۈرەش قىلمايۋاتىدۇ، دەپ خەلقئارادا بۇلۇڭغا قىستىماقچى بولغانلارنىڭ ۋە ئەخلاقسىزلارچە قارا چاپلىغانلارنىڭ ئەمدىلىكتە بۇ تەشكىلاتقا ئەجەللىك زەربە بەرگىنىمىزدە، ئالدىمىزنى توراپ، <بەك ئىلگىرىلەپ كەتمەڭلار> دېيىشلىرى ھەرگىز مۇنداقلا گەپ ئەمەس. <20 كېلومېتىرنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتمەڭلار>  دېيىشلىرى بېكاردىن ئەمەس. ئۇلار نېمە دېسە دېسۇن، بىز ئۆز كىندىكىمىزنى ئۆزىمىز كەستۇق ۋە يۇلىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋېرىمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرىشىنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، «دائېشقا قارشى باشقا بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاۋاتقانلارنىڭ ئويۇنلىرى ۋە بانالىرى تۈركىيەنىڭ مەيدانغا چۈشىشى بىلەن تەڭ بۇزۇپ تاشلاندى، بېكارغا كەتتى.  شۇنىسى ئېنىق كۆرۈلدىكى، بۇلارنىڭ غېمى رايوننى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلاش ئەمەس، بەلكى دەل ئەكسىچە رايوننىڭ تۈگىمەس – پۈتمەس قان ۋە ئاتەش دېڭىزىغا ئايلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيەگە يۈزلىنىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ مەنبەسىنى يوقۇتۇپ تاشلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى:

«شۇنى بىر دەممۇ ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز لازىمكى، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى غازىئەنتەپتە ئەمەس، ھەلەپتە ياكى ھاتايدا، ئىدلىبتە ياكى مەرسىندە ئەمەس ۋەياكى قىبرىستا، قارىستا، ناھچىۋاندا، ئارتۋىندە، بۇتۇمدا تىراكيادا ئەمەس، بەلكى بالقانلاردىن باشلايدۇ. بۇنى ئېنىق بىلىپ قويىشىمىز لازىم»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ بىر – بىرىسىدىن پەرقلىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ،  «دائېش، پ ك ك، پ ي د، ي پ گ، د ھ ك پ – ج ۋە فەتھۇللاھچى تېررولۇق تەشكىلاتلىرى ھەرگىزمۇ بىر – بىرىدىن پەرقلەنمەيدۇ. بۇلار نىيەتلىرىنى ھېچ قاچان يوشۇرۇپ باققان ئەمەس» دېگەننى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر