تۈركىيە ئارمىيەسى دائېشقا ئۈزلۈكسىز زەربە بەرمەكتە

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى غەلىبىلىك داۋام قىلماقتا.

644244
تۈركىيە ئارمىيەسى دائېشقا ئۈزلۈكسىز زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە دائېش ئەزاسى 6 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن قاتتىق ئوققا تۇتۇش ئارقىلىق قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىۋاتقان ئەلبابنى قولغا كىرگۈزۈش يولىدىكى پىلانلىق ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ھەرىكەتنىڭ 134 – كۈنىدە دائېشنىڭ 104 نىشانىنىڭ توپقا تۇتۇلغانلىقىنى، كۆپلىگەن جايلىرىنىڭ پايدىلانغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، توقۇنۇش ۋە ئوققا تۇتۇش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە 6 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باش قوماندانلىق ئىشتابى، توقۇنۇشلاردا پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ھەر تۈرلۈك چارە – تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر