ھەلەبتىن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن يارىدارلارنى داۋالاش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا

ھەلەبتىن ھاتايغا ئېلىپ كېلىنگەن يارىدارلارنىڭ سانى 381 گە يەتتى.

643887
ھەلەبتىن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن يارىدارلارنى داۋالاش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئەسەد قىسملىرى ۋە ئۇنى قوللايدىغان چەت ئەللىك تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ قورشاۋى تۈپەيلى ھەلەبنىڭ شەرقىدىن يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولغانلار ئاراسىدا ھاتايغا ئېلىپ كېلىنگەن يارىدارلارنىڭ سانى 381 گە يەتتى.

تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئاخبارات ۋە ئۇچۇر ئىدارىسىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، ھەلەبنىڭ غەربىدىكى بىخەتەر رايونغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئىدلىبكە ئېلىپ كېلىنگەن يارىدارلاردىن ئەھۋالى ئېغىر بولغانلارنى تۈركىيەگە يۆتكەپ داۋالاش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا. 

يۆتكەش خىزمەتلىرى باشلانغاندىن كېيىن جىلۋەگۆزى چېگرا ئېغىزىدا كۈتۈپ تۇرغان جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتومۇبىللىرى بىلەن دوختۇرخانىلارغا يەتكۈزۈلگەن يارىدارلارنىڭ سانى 381 گە يەتتى.

بالنېستتىكى يارىدارلاردىن 59 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. 138 كىشى ھاتاينىڭ سىرتىدىكى دوختۇرخانىلارغا يوللاندى ھەمدە 68 كىشى داۋالىنىپ بالنېستتىن چىقتى.

يارىدارلاردىن 177 كىشىنىڭ 18 ياشتىن كىچىك ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر