«تۈركىيە تېررورنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلايدۇ»
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تۈركىيەنىڭ تېررورنى يوق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
![«تۈركىيە تېررورنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلايدۇ»](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/fcc6/90ee/ae5f/586ba36c30fce.jpg?time=1718728517)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، تۈركىيەنىڭ تېررورنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە «يېقىنقى كۈنلەردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئىچكى بىخەتەرلىك توغرىسىدا»تېمىسىدا سۆز قىلغان سۇلايمان سويلۇ، تۈركىيەنىڭ چېگرىسىدا بىخەتەرلىك تاملىرى سېلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى كۆزىتىپ تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
بۇ يىل 20-مارتتا يېڭى ساقچى قىسىمنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدىغانلىقىنى، يېزا مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشىنىمۇ 32گە تۆۋەنلىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئىپادە قىلغان سويلۇ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى 2 ئايدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 5 ئەتراپىدا بولغان. دائېشقا قارشى جىددىي تەدبىرلەرنى ئالدۇق.»
تۈركىيەنىڭ تېررورنى يوق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان سويلۇ مۇنۇلارنى دېدى: «تېررورىزىم بىرلا يەرگە سىنگال بەرمەيۋاتىدۇ. پۈتكۈل ئىنسانىيەت تېررورىزىمغا قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك. تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش ۋە تېررورنى تامامەن يوق قىلىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. »
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718728517)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
![ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/e0cb/10b5/a712/66713b2bde92e.jpg?time=1718728517)
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.