تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە دوست ۋە قېرىنداش سومالى خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە ياردەم قىلىشنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
![تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/d359/acf7/0300/586b382ae0ac4.jpg?time=1718724060)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سومالىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئورنىتىش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەر تاشلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سومالىدا ئايرودورۇمغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن پارتلاش ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، تۇنۇگۈن موغدىشۇ ئايرودورۇمىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا بومبا ئاپتومۇبىل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 10 دىن كۆپرەك كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن ساندا يارىدارلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، قاتتىق ئازابلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، سومالىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەر تاشلىنىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قاتتىق لەنت ئوقۇيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يېقىن يورۇقلىرىغا سەۋر - تاقەت ۋە يارىدارلارغا بالدۇرراق شىپالىق تېلەيدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، «تۈركىيە بۈگۈنگە قەدەر قىلىپ كېلىۋاتقىنىغا ئوخشاش، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە دوست ۋە قېرىنداش سومالى خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە ياردەم قىلىشنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718724061)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
![ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/e0cb/10b5/a712/66713b2bde92e.jpg?time=1718724061)
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.