ئىستانبۇلدا ناھايىتى ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئىستانبۇل ئورتاكۆيدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇب روژدېستۋو بوۋاي قىياپىتىگە كىرىۋالغان بىر كىشىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

641606
ئىستانبۇلدا ناھايىتى ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ئورتاكۆيدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبقا قىلىنغان قوراللىق تېررورلۇق ھۇجۇمدا بىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي 39 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 69 كىشى يارىلاندى.

ھۇجۇمنى روژدېستۋو بوۋاي قىياپىتى كىيىۋالغان بىر كىشىنىڭ سادىر قىلغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

گۇماندارنىڭ ھۇجۇمدىن كېيىن كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ سېپىگە قېتىلىپلا قېچىپ كەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن ھۇجۇم ھەققىدە بايانات بېرىپ، بىر تېررورچىنىڭ ئالدى بىلەن ئىشىك ئالدىدىكى ساقچى بىلەن شۇ يەردىكى بىر كىشىنى شېھىت قىلغاندىن كېيىن كۇلۇبنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇ يەرگە يېڭى يىلنى تەبرىكلەش، كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن كەلگەن بىگۇناھ كىشىلەرنى ئىنتايىن شەپقەتسىزلەرچە، رەھىمسىزلەرچە ئوققا تۇتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇمۇ، ھۇجۇمنى سادىر قىلغان تېررورچىنى قولغا چۈشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن 20 سىنىڭ كىملىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى، بۇلاردىن ئون بەشىنىڭ چەت ئەللىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن سويلۇ، قالغان 19 كىشىنىڭ كىملىكىنى بېكىتىش خىزمەتلىرىنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرى رەجەپ ئاقداغ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلو بىلەن بىرلىكتە دوختۇرخانىغا بېرىپ يارىدارلارنى يوقلىغاندىن كېيىن بايانات بېرىپ، بالنىستقا ئېلىنغان 69 يارىداردىن تۆتىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاقداغ، يارىدارلارنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندا چەت ئەللىكنىڭ بارلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ئالاقىدار ئەمەلداردىن مەلۇمات ئىگىلىدى؛ ئەردوغان باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن ۋە ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش مۇپەتتىشى ئىرفان فىدان قاتارلىقلار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ۋەقەدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزەتتى، ئۆلگەن ۋە يارىلانغان كىشىلەر توغرىسىدىمۇ مەلۇمات ئىگىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر