ئەردوغان ئىقتىساد ۋە تاشقى سىياسەت توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا ھەم ئىقتىساد ھەم تاشقى سىياسەت توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

637300
ئەردوغان ئىقتىساد ۋە تاشقى سىياسەت توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سودا – سانائەتچىلەرگە خىتاب قىلىپ، «سېلىنمىلىرىڭلارنى كېچىكتۈرمەڭلار» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «مېنىڭ مىللىي سەپەرۋەرلىك دېگىنىم قولغا قورال ئېلىش ئەمەس، مانا بۇ» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى مەۋجۇتلۇقىنىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى يىغىنىدا سودا – سانائەتچىلەرگە خىتاب قىلىپ، ئىقتىسادقا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ پاسسىپلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن سودا – سانائەت دۇنياسىنىڭمۇ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«بۇ ھالقىلىق پەيتتە سېلىنملىرىنى، پىلان – لايىھەلىرىنى كېچىكتۈرگەن بارلىق كىشىلەر مېنىڭ نەزىرىمدە تۈركىيە ئىقتىسادىغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار بىلەن ئوخشاش سەپتە تۇرغۇچىلاردۇر» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «ھۆكۈمىتىمىز سودا – سانائەت دۇنياسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىردىنبىر كۈتىدىغىنىمىز بازارنى جانلاندۇرۇشۇڭلاردۇر. مىللىي سەپەرۋەرلىك مانا بۇدۇر. مىللىي سەپەرۋەرلىكتىن كۆزدە تۇتقىنىم قولغا قورال ئېلىش ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىستانبۇلدىكى ئىككىنچى بېكىتى مالتەپە ئىدى. ئەردوغان ئۇ يەردە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە ئوغلى بىلەن بىرلىكتە شېھىت بولۇپ كەتكەن يېقىن سەپدىشى ئەرول ئولچوقنىڭ نامى بېرىلگەن ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ئورگىنى مەركىزىنىڭ لېنتىسىنى كەستى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان لېنتا كېسىش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ، «بىز سۈرىيەدە ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئۆز ئىستىقلالىمىز ۋە ئىستىقبالىمىزنىڭ كۈرىشىنى ئېلىپ باردۇق، بېرىۋاتىمىز. ھازىر ئەلبابتىمىز، ئەلباب تۆت تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئېلىندى. ئىنشائاللاھ ئۇ يەردە ئىشىمىز تۈگىدى، تۈگەش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇ يەرگە ھەقىقىي ئىگىلىرى كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. ئەتە مۇنبىچ ياكى راققە. قەيەردە بىر زۇلۇم بولسا، زۇلۇم بار يەردە بىز بار» دېدى.

تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن سۈرىيەدە مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «مەۋجۇت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىز شىمالىي سۈرىيەدە تېرروردىن خالىيلاشتۇرۇلغان بىر بىخەتەر رايون ئېلان قىلىمىز. شىمالىي سۈرىيەدە يېڭىدىن بىر دۆلەت قۇرۇلۇشىغا يول قويمايمىز، بۇ مۇشۇنداق بىلىنگەي» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر