تۈركىيە رەھبەرلىرى رۇس ئەلچىسىنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشتى

تۈركىيە رەھبەرلىرى رۇسىيەنىڭ ئەنقەرە ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلىشى توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى.

633962
تۈركىيە رەھبەرلىرى رۇس ئەلچىسىنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل كاھرامان، رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ سۇيقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلىشى توغرۇلۇق مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرگە ئوخشاش بۇ ھۇجۇمنىڭمۇ رۇسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ سادىر قىلىندى، دەپ قارايمەن. زۇلمەتلىك كۈچلەرنىڭ سەممىيەت ۋە ئەقىل ئاساس قىلىنىپ ئورنىتىلغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايمىز.»

ئىسمائىل كاھرامان رۇس ئەلچىسىنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشى توغرۇلۇق تەزىيانامە ئېلان قىلىپ، تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىغان كارلوۋنىڭ، سالاھىيىتى ئېنىق بىر زورۋان تەرىپىدىن سۇيقەست قىلىنىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلىشىدىن تولىمۇ قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

زۇلمەتلىك كۈچلەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان بۇ ھۇجۇم سەۋەبىدىن رۇسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان كاھرامان يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ.»

مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان كۇرتۇلمۇش رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ قورالىق ھۇجۇم نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلىشىنىڭ كۆپ تەرەپلىملىك سىياسىي پىلاننىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

كۇرتۇلمۇش ئىجتىمائىي تاراتقۇ تور بېتى Twitter دىكى ئادرىسىدىن رۇسىيەنىڭ ئەنقەرە ئەلچىسى كارلوۋنىڭ قوراللىق ھۇجۇم نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلىشى توغرۇلۇق ئۇچۇر تارقاتتى.

خائىن ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان كۇرتۇلمۇش، ئەلچى كارلوۋنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە رۇس خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «كۆپ تەرەپلىملىك بىر سىياسىي پىلاننىڭ نەتىجىسىدە سادىر قىلىنغان بۇ ھۇجۇم، تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان بېرەلمەيدۇ. تۈركىيە بارلىق تۇزاق ۋە ئىغۋارگەرچىلىكنىڭ ئەكسىچە، دىپلوماتىيە ساھەسىدە يېڭى قەدەملەرنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىشىكمۇ بۇ ۋەقە توغرۇلۇق بايان ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە فېدراتىيەسىنىڭ ئەنقەرە ئەلچىسى ھۆرمەتلىك ئاندرېي كارلوۋنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. بۇ خائىن ھۇجۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدا كىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئاشكارىلىنىدۇ.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى مىنىستىرى ئۆمەر چەلىك ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتى Twitter ئادرىسىدىن ئۇچۇر تارقىتىپ مۇنداق دېدى: «رۇس خەلقى بۇ ۋەقەدىن قانداق قايغۇغا چۆمگەن بولسا بىزمۇ ئوخشاش ھېسسىياتتىمىز. تۈرك ۋە رۇس خەلقلىرى ئورتاق بايلىقىدىن ئايرىلىپ قالدى.»

تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن چەلىك،تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر