يىلدىرىم، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىكى «سىر» نى ئورتاقلاشتى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، خەلقنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھۆكۈمەتنى تولۇق قوللاۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىدىن زەربە بېرىش ئىستىراتېگىيەسىگە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

632794
يىلدىرىم، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىكى «سىر» نى ئورتاقلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، خەلقنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھۆكۈمەتنى تولۇق قوللاۋاتقانلىقىنى، مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىدىن زەربە بېرىش ئىستراتېگىيەسىگە ئۆتۈش ئارقىلىق PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم قاھرامانماراش زىيارىتى ئەسناسىدا ھەر قايسى گېزىتلەرنىڭ ئەنقەرە ۋەكىللىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىنىڭ، تەشكىلات ئەزالىرىغا يوليورۇق كۈتۈپ تۇرماستىنلا ئۆز ئىمكانىيىتىگە قاراپ خالىغىنىچە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى سادىر قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن يىلدىرىم، «بۇ ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەلىرى، ئادەم بومبا ۋەقەلىرى بۇ يوليورۇقلار نەتىجىسىدە يۈز بەرمەكتە» دېدى.

تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە مۇداپىئەدە تۇرۇش ئەمەس، زەربە بېرىش ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئېغىر دەرىجىدە  تالاپەتكە ئۇچراتقانلىقىنى قەيت قىلغان يىلدىرىم، «PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بولۇپمۇ تاغلىق رايوندىكى ئۇۋىلىرى، پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، ھەرىكەتلىرى ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى. تاغلىق رايوندا ھەرىكەت قىلىش قابىلىيەتلىرى ئاساسەن دېگۈدەك يوقىلىش باسقۇچىغا كەلدى» دېدى.

بىنالى يىلدىرىم، نۆۋەتتە يالغۇز PKK غىلا ئەمەس، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە دائېشقا قارشىمۇ دۆلەتنىڭ ئىچى – سىرتىدا ناھايىتى ئاكتىپ، توختاۋسىز كۈرەشنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئۇلار بۇ كۈرەشنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدىغانلىقىنى، بەلكى بىزنى بۇ كۈرەش ئىرادىمىزدىن ۋاز كەچتۈرىدىغانلىقىنى خىيال قىلماقتا. لېكىن، بۇ قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى بىز شۇنى بىلىمىزكى، 79 مىليون خەلقىمىز بۇ كۈرەشتە بىزنىڭ ئارقىمىزدا. بىزدە قەتئىي ئىككىلىنىش يوق، مۈرىسىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋە تاغقا تىرىگەنلەر غەم قىلسۇن. بىز ئۈچۈن بايراق، مۇستەقىللىق، ۋەتەن، مىللەتنىڭ كېلەچىكى، مەۋجۇتلۇقى مۇھىمدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر