قەيسەرى تېررورلۇق ھۇجۇمى دائىرىسىدە نازارەتكە ئېلىنغانلارنىڭ سانى 15 كە يەتتى

قەيسەرى جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىش ۋەكىلى مۇستاپا ئارسلانتۈرك، قەيسەرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى دائىرىسدە 15 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

632730
قەيسەرى تېررورلۇق ھۇجۇمى دائىرىسىدە نازارەتكە ئېلىنغانلارنىڭ سانى 15 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 13 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولۇشى، پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 56 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈنۈگۈنكى قەيسەرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەر دائىرىسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 15 كە يەتتى، ئادەم بومبىنىڭ كىملىكىمۇ ئېنىقلاپ چىقىلدى.

تەكشۈرۈشنى ئۈستىگە ئالغان قەيسەرى جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش ۋەكىلى مۇستاپا ئارسلانتۈرك بايانات بېرىپ، بازار ئايلىنىشقا چىققان ئەسكەرلەر ئولتۇرغان ئاممىۋىي ئاپتوبۇسقا قىلىنغان ئاپتوموبىل بومبا تېررورلۇق ھۇجۇمى تەكشۈرۈشلىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، دەسلەپكى قەدەمدە ۋەقەگە ئالاقىدار 7 گۇماندارنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، كېيىن بۇ ساننىڭ 15 كە يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ۋەقەدىن كېيىن قەيسەرى جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى، باش تەپتىش ۋەكىلى ئارسلانتۈرك باشچىلىقىدىكى 8 تەپتىش خادىمىنى ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر