ئەردوغان: ھەلەب خەلقىنى بۇرۇنقىدەكلا ھازىرمۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يالغۇز قويمايمىز

ئەردوغان ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئارىدىن بىر قانچە سائەت ئۆتمەستىن خىلاپلىق قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

630549
ئەردوغان: ھەلەب خەلقىنى بۇرۇنقىدەكلا ھازىرمۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يالغۇز قويمايمىز

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ھەلەب مەسلىسىدە بۈگۈن يەنە تېلېفون كۆرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز ۋە دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسى مەسلىھەتچىمىزمۇ بۇ مەسلىسىنى جىددىي تەقىپ قىلماقتا. بىزمۇ ھازىرغىچە تەقىپ قىلىۋاتىمىز. مەيداندىكى ئەھۋال ئىنتايىن نازۇك ۋە قالايمىقان. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشمى تۈزۈلۈپ ئارىدىن بىر قانچە سائەت ئۆتمەيلا ئەسەد قىلسىملىرى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ، قايتىدىن پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىدى. شۇڭلاشقا بىر ئاز تەمكىنلىك بىلەن ھەرىكەت قىلماقتىمىز» دېدى.

ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن 32 – نۆۋەتلىك مەھەللە باشلىقلىرى يىغىنىدىكى نۇتۇقىدا، تۈركىيەنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا نىسبەتەن بىر ئۈمىد ئىكەنلىكىنى، ھەلەب خەلقىنى يالغۇز تاشلاپ قويمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەيلى قانچىلىك بەدەل تولىشىمىزدىن قەتئىي نەزەر، زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر ئىنساننى بولسىمۇ قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغان ھەممە تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىمىز. شۇنىڭغا ئېشىنىڭلاركى، تۈركىيەنىڭ ئەلبابقا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان كۈچلەر بىلەن تېررورلۇققا كۈرەش قىلىش مېتودىمىزنى يېنىكلىتىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتقان كۈچلەرنىڭ مەقسەتلىرى ئوخشاش. ھەلەبتىن قۇتۇلۇپ چىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئىنسانپەۋرەلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پۈتۈن تەدبىرىلىرىمىزنى ئالدۇق. ئى! بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قېنى سىلەر قەيەردە قالدىڭلار؟ مانا بىز ھەر تۈرلۈك يارىدەملەرنى قىلىشقا تەييارمىز، ياردەملەرنى ئۈزۈلدۈرمەي قىلىمىز. بىر كارىدۇر ئېچىش ئۈچۈن پۈتۈن تىرىشچانلىقىرىمىزنى ئىشقا سېلىۋاتىمىز. ئىدلىب ۋە ئەتراپىغا كېتىدىغانلاردىن باشقا يەنە، تۈركىيەگە كېلىدىغانلار ئۈچۈنمۇ تەييارلىقلىرىمىزنى تاماملاپ بولدۇق. تۈركىيەگە كەلسە ئۇلارنىمۇ باغرىمىزغا بېسىشقا تەييارمىز»

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ قاتتىق تىرىشىشى نتىجىسىگە ئەمەلگە ئاشقان ھەلەبتىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بەلكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ئاخىرىقى بىر ئۈمىد بولۇپ قېلىشى مۇمىكىنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «شۇڭا بىز بارلىق تەرەپلەرنى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنى بۇ ئۇرۇش توختىتىشقا رىئايە قىلىشقا ۋە قوللاپ - قۇۋۋەتلەشكە چاقىرىق قىلىمىز. ئىنسانپەرۋرەلىك كارىدورى ھېچ قانداق توسالغۇسىز ۋە سۇيىقەستسىز بىر شەكىلدە دەرھال ئېچىلىشى لازىم. شەرقىي ھەلەبتىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئىنسانلارنىڭ ساق – سالامەت چېقىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنىشى كېرەك. ئەسەد ھۆكۈمىتى ھەلەبتە ئاشكارا ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزمەكتە. بۇ ھەقىقەتنى ئەمدىلىكتە ئۇنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەۋاتقانلاردىن تارتىپ ھەممەيلەي كۆرۈپ يېتىشى كېرەك» دېدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر