ئىستانبۇلدا ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە خەۋپسىزلىك يىغىنى چاقىرىلدى

ئىستانبۇلدىكى خائىن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە خەۋپسىزلىك يىغىنى چاقىرىلدى.

628466
ئىستانبۇلدا ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە خەۋپسىزلىك يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، جىنازا مۇراسىملىرى ۋە دوختۇرخانا زىيارەتلىرىدىن كېيىن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن ئىستانبۇلدىكى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى يىلدىز مابەين سارىيىغا تەكلىپ قىلدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە مابەين سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن <يېپىق خەۋپسىزلىك يىغىنى> ئىككى سائەت داۋاملاشتى.

يىغىنغا باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش بىلەن تۇغرۇل تۈركەش، ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۈل سايان قايا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ ۋە بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك بىيۇروكراتلار ئىشتىراك قىلدى.

2 سائەت داۋاملاشقان يىغىندا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر