تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئۈستى – ئۈستىلەپ زەربە بەرمەكتە

ھاۋا ھۇجۇملىرىدا، دائېش ئىشلىتىۋاتقان 26 بىنا، 5 قورال – ياراق ئىسكىلاتى، 3 ئاپتوموبىل بولۇپ، جەمئىي 39 نىشان بىت - چىت قىلىپ تاشلاندى.

627643
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئۈستى – ئۈستىلەپ زەربە بەرمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن تازىلاش ئۈچۈن 24 – ئاۋغۇستتا باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئۈستى – ئۈستىلەپ زەربە بەرمەكتە.

ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن زارزۇر رايونىدا بايقالغان دائېش ئەزالىرىدىن 4 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى باب ۋە زارزۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا، دائېش ئىشلىتىۋاتقان 26 بىنا، 5 قورال – ياراق ئىسكىلاتى، 3 ئاپتوموبىل بولۇپ، جەمئىي 39 نىشاننى بىت - چىت قىلىپ تاشلىدى.

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى دانا ۋە باراتاھ ئولتۇراق مەھەللىرىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر