بېنىن پىرېزىدېنتى تۈركىيەگە كېلىدۇ
غەربىي ئافرىقا دۆلىتى بېنىن پىرېزىدېنتى پاترىس تالون، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەتبۇئات ئىشلىرى مەركىزى بايانات بېرىپ، تالوننىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن بېنىننىڭ تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەش دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان زىيارەت جەريانىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ پۈتكۈل ساھەلەر بويىچە مۇزاكىرە قىلىنىشىنىڭ، رايون ۋە خەلقئارادىكى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
زىيارەت دائىرىسىدە بېنىن بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا بىر قاتار كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، تالوننىڭ زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى ۋە كۆپ خىللاشتۇرۇلۇشى نىشانىنىڭ يېڭى كونكرېت بىر قەدىمىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.