ياۋروپا تۈركىيەگە ئېھتىياجلىق

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى يېن كلاۋۇد جۇنكېر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئېيتقان.

622655
ياۋروپا تۈركىيەگە ئېھتىياجلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇنكېر 1-دېكابىر ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتىكى زىيارىتى جەريانىدا ئالاھىدە قوبۇل قىلغان ئىسپانىيەلىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالغان.

«ئەل پائىس گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ئېھتىياجى بولىغىنىدەك، تۈركىيەنىڭمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئېھتىياجى بار» دېگەن. ئۇ ياۋروپادىكى مۇساپىرلار كىرىزىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان ۋە تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلارنى قايتا قوبۇل قىلىش كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېگەن:

«ئەردوغان دۆلىتىنىڭ چېگرا بويلىرىنى جىنايەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئادەم ئەسكەسچىلىرىنىڭ قولىغا تاشلاپ بەرمەيدۇ.»

جۇنكېر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قارشى يولغا قويغان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ قەتئىي داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېگەن:

«ئېمبارگولارنىڭ قاچان ئاخىرلىشىشىنى رۇسىيەنىڭ بۇ توغرىدا تاشلايدىغان قەدەملىرى بەلگىلەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر