تۈركىيە ئايروپىلانلىرى دائېش نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن باشلانغان «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

622228
تۈركىيە ئايروپىلانلىرى دائېش نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى دائېش نۇقتىلىرىنىڭ ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.  باياناتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن 24-ئاۋغۇست باشلىغان «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 101-كۈنىدە، ھاۋا ئارمىيە ئايروپىلانلىرى بزاگاھ ۋە سۇلفانىيە رايونىدىكى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىشلىتىۋاتقان ئۈچ بىنا بىلەن ئىككى ھەربىي ئاپتوموبىلنى پاچاقلاپ تاشلىغان.

تۈركىيە تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ۋە قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى خادىملىرىنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان ئارقا سەپ خىزمەتلىرى بولسا، ئىزچىل داۋام قىلماقتا.

تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پايدىلىنىۋاتقان، چېگرا رايونلىرىدا بىخەتەرلىك خەۋپى پەيدا قىلغان ئۇنسۇرلارنى يوقىتىش مەقسىتىدە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا خەلقئارا بىرلەشمە قىسىمنىڭ قوللىشى ئاستىدا ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان تۈركىيە ئارمىيەسى، رايوندا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىنىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر