تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەدە يوقاپ كەتكەن ئەسكەرلەرنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرماقتا
سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىگە قېتىلغان ئىككى ئەسكەر بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى.
![تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەدە يوقاپ كەتكەن ئەسكەرلەرنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/00a4/47c3/352f/583e5033cff5b.jpg?time=1718834494)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يوقاپ كەتكەن ئەسكەرلەرنى ئىزدەش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا.
تۈركىيە ئارمىيەسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە 29 – نويابىر سەيشەنبە كۈنى سائەت 15:30 ئەتراپىدا ئىككى قوراللىق سەپدىشىمىز بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى، ئىزدەش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمغا تېلېفون قىلىپ، ۋەقە توغرىسىدا دوكلات بەردى.
بۇ جەرياندا، فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ 99 – كۈنىدە تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ بىزاگاھ ۋە زارزۇر رايونلىرىدىكى ئىككى پاناھلىنىش ئورنىنى يوقىتىپ تاشلىدى.
ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ باشقارمىسى ۋە قىزىل ئاي خادىملىرى ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى ۋە پۇقرالارغا قىلىۋاتقان ئارقا سەپ ياردىمىنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇرماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718834494)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718834494)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.