تۈركىيە ئەسكەرلىرى شېھىت بولغان ھۇجۇمنى رۇسىيە قىلدىمۇ؟

دۆلىتىمىز مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش 24-نويابىر سۈرىيەنىڭ ئەلباب رايونىدا تۈركىيە ئەسكەرلىرى شېھىت بولغان ھۇجۇمنى رۇسىيەنىڭ قىلمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

619298
تۈركىيە ئەسكەرلىرى شېھىت بولغان ھۇجۇمنى رۇسىيە قىلدىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى ئېچىلىۋاتقاندا مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بەزى سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇ 24-نويابىر سۈرىيەنىڭ ئەلباب رايونىدا تۈركىيە ئەسكەرلىرى شېھىت بولغان ھۇجۇم توغرىسىدا توختىلىپ: «بۇ توغرىدا ھۆرمەتلىك پۇتىن شەخسەن ئۆزى مەلۇمات بەردى. ھۇجۇم قىلغان ئايروپىلان ۋە رايوندىكى بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ئالاقىدار سىن كۆرۈنۈشلەر بار، بۇلار تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ» دېدى.

ئۇ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى ئەزالىق مۇزاكىرەلىرىنى ۋاقىتلىق توڭلىتىش قارارىنىڭ، ياۋروپا سىياسىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئاگاھلاندۇرۇش زىلى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ قارارنىڭ ياۋروپا قىممەت قاراشلىرىغا زىت ئىكەنلىكىنى ۋە غايىسىز ھەمدە قوش ئۆلچەملىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارنى يوق ھېسابلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ كېلەر ئايدا ئېچىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىدا، تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك مۇۋاپىق قارارلارنىڭ ئېلىنىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «بىز مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ سەلبىي تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى خالىمايمىز. ئەمما، ئوتتۇرىغا چىقىدىغان سەلبىي ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىگە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەكرەك ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتماقچىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر