دائېش خەلىلىييە يېزىسىغا راكېتامىيۇت ئاتتى
سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى 96 – كۈنىگە قەدەم قويدى.
![دائېش خەلىلىييە يېزىسىغا راكېتامىيۇت ئاتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6d15/f139/0096/583a854ed144f.jpg?time=1718908970)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ 96 – كۈنىدىكى توقۇنۇشلاردا بىر ئۆكتىچى شېھىت بولدى، 14 ئۆكتىچى يارىلاندى.
تۈركىيە ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، تۈرك ھاۋا ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭمۇ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 4 نۇقتىسىنى يوقىتىپ تاشلىغانلىقىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.
خەلىلىييە رايونىدا بولسا، دائېش تەرىپىدىن ئېتىلغان راكېتامىيوت ئوقىدا 22 ئۆكتىچى يارىلاندى. يارىلانغۇچىلارنىڭ كۆز ۋە بەدەنلىرىدە خىمىيەلىك گازغا ئالاقىدار ئالامەتلەرنىڭ بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ھەربىي مەنبەلەر، تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، ئېتىلغان راكېتامىيوتلاردا خىمىيەلىك ئامىللارنىڭ يوقلۇقىنى ئېلان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718908970)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.