سۈرىيەدە شېھىت بولغان 1 ئەسكەر بىلەن يارىدار بولغان 3 ئەسكەر مەملىكەتكە قايتۇرۇپ كېلىندى

شېھىت ۋە يارىدار بولغان ئەسكەرلەر ئۆنجۈپىنار چېگرا ئېغىزىدىن تۈركىيەگە ئېلىپ كىلىندى.

618099
سۈرىيەدە شېھىت بولغان 1 ئەسكەر بىلەن يارىدار بولغان 3 ئەسكەر مەملىكەتكە قايتۇرۇپ كېلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە، تۈركىيە ئارمىيەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 1 ئەسكىرىمىز شېھىت بولۇپ، 3 ئەسكەر يارىدار بولدى.

شېھىت ۋە يارىدار بولغان ئەسكەرلەر ئۆنجۈپىنار چېگرا ئېغىزىدىن تۈركىيەگە ئېلىپ كىلىندى.

يارىدار بولغان 2 ئەسكەر كىلىس دۆلەت دوختۇرخانىسىدا بالنېستقا ئېلىندى. شېھىت ئەسكەرنىڭ جىنازىسى بىلەن 3 - يارىدار ئەسكەر ھەربىي تىك ئۇچار بىلەن غازىئانتەپ ئۇنىۋېرسىتېتى شاھىن بەي تەتقىقات دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر