تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى
تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئېنېرگىيە كۇلۇبىدىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاۋاز بىرلىكى بىلەن، ئېنېرگىيە كۇلۇبىنىڭ 2017-يىللىق نۆۋەتچى رەئىسى بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئېنېرگىيە كۇلۇبىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئاۋاز بىرلىكى بىلەن قولغا كەلدى. بۈگۈنگىچە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئېنېرگىيە كۇلۇبىدا پەقەت ئەزا دۆلەتلەرلا نۆۋەتچى رەئىس بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ تۇنجى قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان بىر دۆلەتنىڭ، ئېنېرگىيە كۇلۇبىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇپ سايلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. كۇلۇبتا تەشكىلاتقا ئەزا بولمىغان باشقا ھەمراھ دۆلەتلەرمۇ بار.
خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئىران، رۇسىيە، ئافغانىستان، ھىندىستان، موڭغۇلىيە، پاكىستان، بېلارۇسىيە ۋە سىرى لانكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئەزا بولغان ئېنېرگىيە كۇلۇبى، 2013-يىلىدىن بۇيان پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە. ئېنېرگىيە كۇلۇبىغا ئەزا بولغان دۆلەتلەر دۇنيا ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ %36 نى، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ %23 نى، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ %20.8 نى، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ %60.25 نى ئىگىلەيدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.