ھاماس تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمەس، ھاماس تىرىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان سىياسىي تەشكىلاتتۇر

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2014-يىلى ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا مىڭلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان كۈنلەرنى ئۇنتۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، گىتلېرنىڭمۇ ۋە ئىسىرائىلىيەنىڭمۇ قىلغانلىرىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

615624
ھاماس تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمەس، ھاماس تىرىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان سىياسىي تەشكىلاتتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنقەرەدە ئىسىرائىلىيە «2-قانال» تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرى ئىلانا داياننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى، ئىسىرائىلىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى، ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن مۇناسىۋەتلىرى، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى داۋاملىشىۋاتقان كۈرەش، ئامېرىكىدا دونالد ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش ھەرىكىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بېشىدىن ئۆتكەنلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

«مارمارىستىن قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈن -15-ئىيۇل ئىدى. مەن 15-ئىيۇل كېچىسى بىرىنچى بولۇپ تېلېفون قىلغان باش مىنىستىر بولسۇن ياكى ئىستىخبارات مەسلىھەتچىسى ۋەياكى باش ئىشتاب باشلىقى بولسۇن، ھەممىمىز دەسلەپتە ئاخبارات ۋە <فەيىس تايم> ئارقىلىق پۈتۈن خەلققە چاقىرىق ئېلان قىلىش كېرەك، دەپ قارىدۇق.»

ئۇ مۇخبىرنىڭ مارمارىستىن ئىستانبۇلغا قاراپ يولغا چىققاندا ئىسيانچىلارنىڭ F16 بىلەن ئوققا تۇتۇشىنى ئويلاشقان-ئويلاشمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا: «ئويلاشتۇق، ئەمما بىزنىڭ ئېتىقادىمىز مۇنداق: <ھېچقاچان ئۆلمەيدىغاندەك تىرىكچىلىك قىل، ئەتە ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل> بىز بۇ يولغا مۇشۇنداق ئاتلاندۇق. ئەگەر رەھبەر بىر تاشنىڭ كەينىگە مۆكۈنسە، خەلق تاغنىڭ كەينىگە مۆكۈنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رەھبەر ھەرقاچان قەددىنى تىك تۇتۇشى ۋە سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا خەلق ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ، تاغنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ مۇخبىرنىڭ: «ئەمدى رۇخسەت قىلسىڭىز، قىيىن سوئاللارنى سوراشنى خالايمەن» دېگەن گېپىگە قارىتا: «ھازىرغىچە سورىغانلىرىڭىز ئاسانمىتى» دەپ جاۋاب قايتۇردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قايتۇرۇلغان ئىنكاسلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۇۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى تەنقىدىي قاراشلار توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەدە نۇرغۇن قېتىم ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى ۋە ئۇ ۋاقىتلاردا تۈركىيە ناھايىتى چوڭ بەدەللەرنى تۆلىدى. ئەمما، ھېچبىرىدە خەلقنىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى كۆرسەتكەن قارشىلىقىدەك ئىنكاس كۆرۈلمىدى. تۇنجى قېتىم ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى پۈتكۈل خەلق سەپەرۋەر بولۇپ، مەغلۇب قىلدى. بۇ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنى قىلغانلار-فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر. بۇلار 40 يىللىق جەرياندا دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان ئىدارە-ئورگانلىرىغا، قوراللىق قىسىملىرىغا، ساقچى ئىدارىلىرىغا، سوت مەھكىمىلىرى ۋە ھەرقايسى مىنىستىرلىقلارغا مەخپىي سوقۇنۇپ كىرىپ، ئۇلارنى قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇندى.»

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچى پات-پات قىستۇرما قىلىپ، سۆھبەتنى بۆلۈۋەتكەندىن كېيىن: «خالىسىڭىز مۇنداق قىلايلى، سۆھبىتىمىز ئۈزۈلۈۋەرسە كۆرۈرمەنلەر ئاسانلىقچە چۈشىنەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ پىروگراممىنى ئاسان چۈشىنىشى ئۈچۈن گېپىمىز بۆلۈنۈپ كەتمىسۇن» دەپ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كېلەچەكتە ئارمىيەمىز ئىچىدە يەنە قانداق قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ، ئارمىيەمىزنىڭ بېشىغا يەنە قانداق خالتىلارنى كىيگۈزىدىغانلىقىنى، ساقچى ئىدارىلىرىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىقلىرىدا قانداق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ كىشىنىڭ ئىشەنگىسى كەلمەيدىغان ھىيلە-نەيرەڭلىرى ئاشكارا بولۇۋاتىدۇ، يالغانچىلىق ۋە ئالدامچىلىقلىرى ئاشكارا بولغانسېرى ئۇلارنى تازىلاشقا مەجبۇرسىز.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېقىنقى كۈنلەردىكى تۈركىيە-ئىسىرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «تۈركىيە-ئىسىرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش باسقۇچىنى باشلىغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى 2010-يىلى 31-ماي غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ماڭغان ماۋى مارمارا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلىپ، توققۇز ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 50 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ۋەقەنى پەيدا قىلغاندىن كېيىن، ئىسىرائىلىيە تەرەپتىن ئۈچ شەرتنى ئورۇنلاشنى تەلەپ قىلدىم. تۈركىيەدىن ئەپۇ سوراش مەسىلىسىدە، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ ئۆزى تېلېفون قىلىپ، ئەپۇ سورىدى. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تۆلەم تۆلەش شەرتىمۇ ئورۇندالدى. غەززەگە قارىتا يولغا قويۇلغان مۇھاسىرەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئېھتىمالىنى چوڭ دەپ ئويلايمەن» دېدى.

مۇخبىرنىڭ: «ھاماسنىڭ ئىسىرائىلىيەگە قارشى قورال ئىشلەتمەيدىغانلىقىغا كاپالەت بېرەلەمسىز؟» دېگەن سوئالىغا: «سىز ئىسىرائىلىيە نامىدا، ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالامسىز؟» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ مۇخبىرنىڭ: «ھاماسنىڭ ھەر دائىم پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز» دېگەن سۆزىگە قارىتا، مۇنداق دېدى:

«ئىسىرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلغاندا، قانچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىگىمۇ قاراش كېرەك.»

مۇخبىرنىڭ: «ئىسىرائىلىيە ھاماسنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەۋاتقان تۇرسا، ھاماس مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشى كېرەكمۇ؟» دېگەن سوئالىغا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇنداق جاۋاب بەردى:

«مېنىڭچە، ھاماس تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمەس، ھاماس تىرىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان سىياسىي تەشكىلاتتۇر.»

ئۇ ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن ئۇچرىشىشلىرىدا، تۈركىيەنىڭ قايتىدىن مۇرەسسەچىلىك قىلىش رولىنى ئۈستىگە ئالىدىغان-ئالمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «بىزگە بۇنداق تەلەپ كەلسە، نېمىشقا قىلمايلى. بىزنىڭ پۈتۈن دەردىمىز، غەززەنىڭ خاتىرجەملىككە ئېرىشىشىدۇر، ئەمما ئىسىرائىلىيە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىغا يېقىنلىشامدۇ؟ مېنىڭچە، يېقىنلاشمايدۇ. نېمە ئۈچۈن يېقىنلاشمايدۇ؟ ئۇ زېمىننىڭ ئىگىسى ئىسىرائىلىيە ئەمەس، بۇنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايسىز» دەپ جاۋاب بەردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇخبىرنىڭ 2014-يىلى ئىسىرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتا، «ئىسىرائىلىيەنىڭ قىلغىنى گىتلېرنىڭ قىلغىنىدىن بەكرەك ياۋايىلىقتۇر» دېگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ، «بۇ گەپلەرنى قىلغانلىقىڭىزدىن پۇشايمان قىلامسىز؟» دېگەن سوئالىغا: «ئەلۋەتتە، بۇ ۋاقىتقا قارىتا ئوخشىمايدۇ. غەززەگە ھۇجۇم قىلىنغاندا يۈزلەرچە، ھەتتا مىڭلارچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋاقىتلار بولدى، مېنىڭ ئۇ ۋاقىتلارنى ئۇنتۇشۇم مۇمكىن ئەمەس. مەن گىتلېرنىڭ قىلغانلىرىنىمۇ، ئىسىرائىلىيەنىڭ قىلغانلىرىنىمۇ قوللىمايمەن. ئۇ يەردە شۇنچىۋالا ئادەم ئۆلتۈرۈلگەندە، ئۇ بەكرەك ياۋايىمۇ ياكى بۇمۇ؟ دېيىش، ئورۇنسىز.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكىدا دونالد ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغانلىقىغا ھەيران قېلىپ-قالمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «ياق، ھەيران قالمىدىم. ئۇ بەكرەك ئامېرىكىلىقلارنى ھەيران قالدۇرغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى مەن سايلام ساندۇقىغا ئىشىنىدىغان ئادەممەن. مەنمۇ ئىستانبۇلنىڭ شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغىنىمدا، نۇرغۇن كىشى ھەيران قالغان ئىدى» دەپ جاۋاب بەردى.

«سىز پېنسىيەگە چىققاندا پەقەت ئويلاشنى خالىمايدىغان، سىياسەتتە ئەڭ كۆپ نەپرەت قىلغان نەرسە نېمە؟» دېگەن سوئال بىلەن زىيارەت پىروگراممىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان مۇخبىرغا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ جاۋابى: «يالغانچىلىق» بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر