ئەردوغان: تۈركىيە شاڭخەي بەشلىكى ئىچىدە نېمىشقا بولمىسۇن؟

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنى 53 يىلدىن بۇيان كولدۇرلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «تۈركىيە شاڭخەي بەشلىكى ئىچىدە نېمىشقا بولمىسۇن؟» دېدى.

614136
ئەردوغان: تۈركىيە شاڭخەي بەشلىكى ئىچىدە نېمىشقا بولمىسۇن؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدىن قايتىۋېتىپ ئايروپىلاندا ژۇرنالىستلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ، تۈركىيەنىڭ «شاڭخەي بەشلىكى» بىلەن راھەتلىنىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنى 53 يىلدىن بۇيان كولدۇرلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «ھەممە ئىشنى ئوچۇق – ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزنى لىدىرلار يىغىنلىرىغا چاقىرمىغىلى باشلىدى. لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىدىن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىندى، لېكىن، تۈركىيەنى ھېلىھەم كولدۇرلاتماقتا. يىل ئاخىرىغىچە سەۋر قىلايلى، يىل ئاخىرىغىچە بولسا بولدى، بولمىسا، بىز بۇ قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىش دېگەن بۇ ماتېرىيالنى يېپىۋېتەيلى» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ چۈشىنىكسىز پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تېررورنىڭ بۇ دۆلەتلەردە قول سېلىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

تېررورلۇقنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان رايونلارنىڭ قايتىدىن بەرپا قىلىنىشى مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، رايونغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئەردوغاننىڭ كۈنتەرتىپىدىكى يەنە بىر مەسىلە، 15 – ئىيۇلدا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش ئىدى. ئۇ، «جىنايەت سادىر قىلغۇچى بەدىلىنى تۆلەيدۇ. قانۇن كېرەكلىك ئىشنى قىلىدۇ» دېدى.

ئەردوغان دېكابىر ئېيى ئىچىدە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى؛ چىكاگودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ يىللىق ئۇچرىشىشىغا ئىشتىراك قىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، ئامېرىكىغا بېرىپ قالسا، يېڭى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر