ئەردوغان ئامېرىكا تېلېۋىزىيەسىدە مۇھىم تېمىلار ئۈستىدە توختالدى

ئەردوغان تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىن سۈرىيە ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەسلىسىگىچە بولغان نۇرغۇنلىغان تېمىلاردا ئېنىقلىما بەردى.

613814
ئەردوغان ئامېرىكا تېلېۋىزىيەسىدە مۇھىم تېمىلار ئۈستىدە توختالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ھازىرمۇ ئامېرىكىدا تۇرىشى پۈتۈن تۈركىيە خەلقىنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. 

ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ «CBS» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «60 مېنۇت» ناملىق پىروگراممىسىغا قاتناشتى ۋە تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىن سۈرىيە مەسلىسىگىچە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن 15 – ئىيۇل ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقىسىگىچە بولغان نۇرغۇنلىغان تېمىلاردا ئېنىقلىما بەردى.

ئەردوغان پىروگراممىدا سىتېۋ كىروفتنىڭ تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى ۋە يېڭىدىن سايلانغان دونالد تىرۇمپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىگە دائىر كۈتكەنلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئامېرىكىدا ھېچ قانداق تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلمەستىن خاتىرجەم تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىغا قارىتا ئامېرىكىنى تەنقىد قىلدى. فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ھازىرمۇ ئامېرىكىدا تۇرىشى پۈتۈن تۈركىيە خەلقىنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

باراك ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭمۇ بىئاراملىق مەنبەسى بولغانلىقىغا دىققەتنى تارتقان ئەردوغان، بۇ سىياسەتلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگرالىرىدا خەۋپسىزلىك تەھدىتلىرى پەيدا بولىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان سۈرىيەگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەم ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباماغا، ھەم مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدېنغا يەتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بىراق بۇ مەسىلىلەرگە جىددىي قاراشتا ئۇتۇقلۇق ئىش قىلالمىدى ۋە بۇ ئىش بىزنى بىئارام قىلدى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتناشقان پىروگرامما 20 – نويابىر يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ شەرق ۋاقتى بويىچە چۈشتىن كېيىن 19:30 دا ۋە تۈركىيە ۋاقتى بويىچە 21 – نويابىر دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 03:30 دا تارقىتىلىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر