تۈركىيە مۇسۇل خەلقىگە ياردەم قولىنى سۇنماقتا

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدىكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلارغا ياردەم قولىنى سۇنماقتا.

613700
تۈركىيە مۇسۇل خەلقىگە ياردەم قولىنى سۇنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان 108 يۈك ئاپتوموبىلنى رايونغا ئەۋەتتى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەربىل ئارقىلىق مۇسۇل ئەتراپىدىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىغا تارقىتىلىدۇ.

تۈركىيەدىن يولغا چىققان، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ 30، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ 78  يۈك ئاپتوموبىلى ئەربىلغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

ئىراق ئارمىيەسى، پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە كۆپىنچىسىنى باشىكا ھەربىي لاگېرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈرك ئەسكەرلىرى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن نىنوۋا مۇجاھىدلىرى 17 – ئۆكتەبىر كۈنى مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەندىن بۇيان، تۈركىيە 50 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى 50 يۈك ئاپتوموبىلى ئارقىلىق رايونغا يەتكۈزۈپ بەرگەنىدى.

شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەنىڭ ئىراققا ئەۋەتكەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ سانى 158 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر