ياۋروپا بىز بىلەن ياكى دۈشمەنلىرىمىز بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قارار قىلىشى كېرەك

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قۇچاق ئاچقان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنى ئاگاھلاندۇرۇش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

611318
ياۋروپا بىز بىلەن ياكى دۈشمەنلىرىمىز بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قارار قىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئۈستىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قۇچاق ئاچقان ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەنقىد قىلىپ: «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قۇچاق ئاچقانلار ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىبېشىنىڭ رەسىمىنى ئاسقانلارنىڭ تۈركىيەنى ئاگاھلاندۇرۇش ھوقۇقى يوق. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدى بىلەن تېررورىستلارغا ئوخشاش گەپ قىلىشتىن ۋاز كەچسۇن، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي گۇماشتىلىرىنى قوللاشتىن ۋاز كەچسۇن» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۈركىيە ھەققىدە بىر قاتار سەلبىي باياناتلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دوستلىرىمىز 15-ئىيۇلدىكى خائىنلارچە ھۇجۇمغا قارشى بىز كۈتكەن دەرىجىدە پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلالمىدى» دېدى. ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەنمۇ ياكى تۈركىيەنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەنمۇ يولىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا قارار بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ دۆلەت ياۋروپانىڭ ياكى باشقا مىللەتلەرنىڭ بۇيرۇقىنى قوبۇل قىلمايدۇ، بىز بۇيرۇق ئالىدىغان پەقەت بىرلا مەنبە بار، ئۇ بولسىمۇ خەلقىمىزدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر