تۈركىيە ئاتاتۈركنى خاتىرىلىمەكتە

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 78 – يىللىقى خاتىرىلەنمەكتە.

607833
تۈركىيە ئاتاتۈركنى خاتىرىلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رەھبەرلىرى ئاتاتۈرك ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 78 – يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولماقتا.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھەمراھلىقىدىكى رەھبەرلەر ئالدى بىلەن ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى.

ئەردوغان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ مەخسۇس دەپتىگە مۇنداق دەپ يازدى: «ھۆرمەتلىك ئاتاتۈرك ئالىيلىرى! بۈگۈن بىز ۋاپاتىڭىزنىڭ 78 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىمىزنىڭ زەپەر قۇچقۇچى قوماندانى، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى سۈپىتىدە سىزنى  چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە يەنە بىر قېتىم ياد ئېتىمىز. <ئەڭ چوڭ مىراسىم> دەپ سىز بىزگە ئامانەت قالدۇرغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە قانداق ساھىب چىقىشنى ئوبدان بىلىمىز، دۆلىتىمىزنى يەنىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى، خىيانەت شايكىلىرى ۋە بۇلارنىڭ قولچۇماقچىلىرىنىڭ ھۇزۇرىمىزنى بۇزۇشىغا، مۇقىملىقىمىزغا ۋە مىڭ يىللىق قېرىنداشلىقىمىزغا زىيان يەتكۈزۈشىگە، دۆلىتىمىزنى تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك چوققىسىغا يەتكۈزىدىغان ئۇلۇغۋار نىشانلارغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئەسلا يول قويمايمىز. روھىڭىز ئامان بولغاي!»

ھەر يىلى ئەنئەنىگە ئايلانغان ئاتاتۈرك مەدەنىيەت، تىل ۋە تارىخ تەتقىقاتلىرى ئالىي ئورگىنىنىڭ ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش مۇراسىمى بۇ يىل تۇنجى قېتىم جۇمھۇر رەئىسلىك ساريىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە.

ئەنقەرەدىكى تۈركىيە ئاتلېتىكا فېدېراتسىيەسىدىمۇ ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە. پائالىيەتكە ياش - ئۆسمۈرلەر، چولپانلار  قاتناشماقتا.

تۈركىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى «ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئارمىيە – خەلق بىرلىكتە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارايلى» تەرىقىسىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.

ئىستانبۇلدىمۇ ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

ئاتاتۈرك ۋاپات بولغان دولماباھچە سارىيى ئۇچرىشىش نۇقتىلىرىنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ، بەشىكتاش رايونى ۋە كادىكۆيدىمۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر