«تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تاقابىل تۇرۇش بىزگە ناھايتى ئاسان»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تاقابىل تۇرۇش بىزگە ناھايتى ئاسان» دېدى.

605820
«تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تاقابىل تۇرۇش بىزگە ناھايتى ئاسان»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بەشتەپە مەدەنىيەت ۋە قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى ئاممىۋى ھالدا ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، پ ك ك قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشى توغرۇلۇق غەرب ئەللىرىگە سىگنال بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز كۈرەش قىلىۋاتقان تېررورىستلار پەقەت 3 – 5 مىڭ پ ك ك لىق تېررورىستلار، مەلۇم ساندىكى دائېشچىلار، فەتھۇللاھچىلار، بىرقانچە يۈز DHKP-C  مەنسۇپلىرىلا  ئەمەس، بۇلاردىن باشقا يەنە ئوخشىمىغان كۈچلەر، قوللىغۇچىلار ۋە لايىھەلەرمۇ بار. غەرب ئەللىرى خالىغىنىچە تېررورىستلارنى باغرىغا باسسۇن، بىز ئۇلارغا تاقابىل تۇرالايمىز، ئەمما غەرب ئەللىرى ھامان بىر كۈنى بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ.»

ئەردوغان مەرسىن ئاققۇيۇ ۋە سىنوپتىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى لايىھەلىرىنىڭ سىرتىدا ئۈچىنچى بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ ئۈچ لايىھەنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملاپ، دۆلىتىمىزنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇش ئىرادىمىز قەتئىي.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر