تۈركىيە رەھبەرلىرى جۇمھۇرىيەت بايرىمى تەبرىكنامىلىرىدا مۇھىم نۇقتىلار ئۈستىدە توختالدى

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ھەرقانداق چاغدىكىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى سۇيىئستېمال قىلىۋاتقانلار نىشانىمىزغا يېتىشىمىزگە ھەرگىز توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ» دېدى.

599481
تۈركىيە رەھبەرلىرى جۇمھۇرىيەت بايرىمى تەبرىكنامىلىرىدا مۇھىم نۇقتىلار ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 29 – ئۆكتەبىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 93 - يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تەبرىكنامىسىدا: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمىزنى، 2200 يىللىق دۆلەت ئەنئەنىمىز بىلەن راۋاجلاندۇرغان رايونلىرىمىزدىكى 1000 يىللىق سەلجۇقىيلار ۋە ئوسمانلى مىراسىنىڭ ئەينى چاغدىكى قېيىن شارائىتلار ئاستىدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقى دەپ قارايمىز. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 93 يىلدىن بۇيان دۇچ كەلگەن قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يولىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئىلگىرىلەشلىرى سايىسىدا بۈگۈنكى دۇنيانىڭ يۈكسەلگەن كۈچلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىشتا ئۇتۇققا ئېرىشكەن بىر دۆلەتكە ئايلاندى. تۈركىيە بارغانسىرى يۈكسىلىۋاتقان ئىقتىسادى، كۈچلۈك دېموكراتىيەسى، تۈپكى ئىنسانپەرۋەلىك قىممەت قاراشلىرىنى مەھكەم تۇتۇشى، پىرىنسپال ۋە يىراق كۆرەر، غايىلىك تاشقى سىياسىتى بىلەن رايوندا ۋە خەلقئارادا ئىلھام مەنبەسى بولۇشنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى. بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «بىرلىكىمىزگە باراۋەرلىكىمىزگە، قېرىنداشلىقىمىزغا، ۋەتىنىمىز، ئىستىقلالىمىز ۋە ئىستىقبالىمىزغا قەست قىلماقچى بولغان ھېچقانداق ھۇجۇم غەلىبىگە ئېرىشەلمەيدۇ» دېگەنلەرنى ئەسكەرتتى. 

تۈركىيەنىڭ ھەرقانداق چاغدىكىدىن كۈچلۈك ۋە قەتئىي ئىرادىلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى سۇيىئستېمال قىلىۋاتقانلار نىشانىمىزغا يېتىشىمىزگە ھەرگىز توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ» دېدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى ئىسمائىل قەھرىمان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 93 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تەبرىكنامىسىدا، «1923 – يىلى 29 – ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان جۇمھۇرىيىىمىزنىڭ 93 – يىلىغا قەدەم قويدۇق. مىللىتىمىزگە قۇتلۇق بولسۇن» دېگەن سۆزلەرنى ئشىلەتتى. ئىمپېرىيالىست دۆلەتلەرنىڭ پىلانلىرىنى تۈرك مىللىتىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دەۋر بۆلگۈچ قەدەملىرىمىز بىلەن ھۆررىيىتىمىز ۋە مۇتەقىللىقىمىزنى تېخىمۇ مەستەھكەملىدۇق» دېدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 93 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تەبرىكنامىسىدا، دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

يېڭى دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ جۇمھۇرىيەتنىڭ تۈپ ئاساسلىرىنى تېخىمۇ مەستەھكەم، تېخىمۇ تەۋرەنمەس ھالغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكىدە قەتئىي مادارا قىلمايدىغان، سىياسىي سىستېما سۈپىتىدە پىرېزىدېنتلىق سىستېمىسىنى ئۆزلەشتۈرگەن ۋە ئەركىنلىكنى ياقىلايدىغان بىر يېڭى دۆلەت ئاساسىي قانۇنى بىلەن يولنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر