شىۋېتسارىيەدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قىلمىشلىرى پارلامېنت ئەزالىرىغا تونۇشتۇرۇلدى

شىۋېتسارىيەدە پارلامېنتلار بىرلەشمىسىنىڭ 135 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان زالدا ئېچىلغان كۆرگەزمە مۇنبىرى ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى.

597236
شىۋېتسارىيەدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قىلمىشلىرى پارلامېنت ئەزالىرىغا تونۇشتۇرۇلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە چاقىرىلغان پارلامېنتلار بىرلەشمىسىنىڭ 135 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ھەربىي ئىسيانىغا ئالاقىدار كۆرگەزمە ئاچتى.

ئومۇمىي كېڭەشتە تۈركىيە ھەيئىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ توكات پارلامېنت ئەزاسى جوشقۇن چاقىر پارلامېنتلار بىرلەشمىسىنىڭ 135 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان زالدا كۆرگەزمە مۇنبىرى ئېچىپ، 15 – ئىيۇلدىكى ۋەقەلەرنى رەسىم، سېن كۆرۈنۈشلىرى ۋە ھەر خىل تىللاردا بېسىلغان كىتابلار بىلەن ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.

جوشقۇن چاقىر جەمئىي 171 دۆلەتتىن مىڭلىغان كىشى قاتناشقان پارلامېنتلار بىرلەشمىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئاچقان كۆرگەزمە مۇنبىرىنىڭ زور قىزىقىش قوزغىغانلىقىنى قەيت قىلدى. 

جوشقۇن چاقىر «بۇ يىللىق كېڭەشنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بىزنىڭ رايونىمىزدىكى مەسىلىلەر، قيىنچىلىق ۋە ئازاب – ئوقۇبەتلەر بولغاچقا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيانىنى ئاڭلىتىشمۇ ئىنتايىن ماس كەلدى» دېدى.

جوشقۇن چاقىر ئومۇمىي كېڭەشتە يەنە تۈركىيەنىڭمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى بىلەن سۈرىيەگە ۋە ھەلەبكە قىلنىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىددىي كۈنتەرتىپ ماددىسىنىڭ تەستىقتىن ئۆتكەنلىكىنى ھەمدە يەنە دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى. پارلامېنتلار بىرلەشمىسى ئومۇمىي كېڭىشى جەريانىدىكى ھەر قايسى يېغىن ئولتۇرۇشلىرىغا تەرتىپ بىلەن قاتناشقانلىقىنى ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ھەيئەتلەر بىلەن ئۆزئارا ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقىنى قەيت قىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر