بەكىر بوزداغ ئامېرىكىدا فەتھۇللاھ گۇلەننى قولغا ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ

بەكىر بوزداغ يەنە، 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوغاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋىشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىشقا ئاشقانلىقىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى سۇنىدۇ

596491
بەكىر بوزداغ ئامېرىكىدا فەتھۇللاھ گۇلەننى قولغا ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ بۈگۈن ئامېرىكىغا ماڭىدۇ.

بەكىر بوزداغ   ئامېرىكىلىق مەسئۇللار بىلەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋىشىنىڭ قايتۇرۇلۇشى ھەققىدە مۇزاكىرىلىشىدۇ ۋە يېڭى دەلىل - پاكىتلارنى سۇنىدۇ.

بەكىر بوزداغ  ئەتە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى لورېتتا لىينچ بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

بەكىر بوزداغقا زىيارەت ئەسناسىدا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئەدلىيە ئىشلىرى كومىتېتى باشلىقى ئەھمەت ئىيىمايا، كومىتېت ئەزالىرى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت  ئەزاسى ھەققى كۆيلۈ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر سۇھا ئالدان ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئىسمائىل فارۇق ئاقسۇ ھەمراھ بولىدۇ.

بەكىر بوزداغ  ئۇچرىشىشتا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋېشىنىڭ قايتۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئامېرىكىغا بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن 4 ئايرىم - ئايرىم قايتۇرۇپ بېرىش ئارخىپلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىدۇ. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋىشىنىڭ ۋاقىتلىق قولغا ئېلىنىشى ئۈچۈن 10 – سىتەبىردە ئامېرىكىغا يوللانغان تەلەپنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدۇ.

ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ  يەنە، 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوغاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋىشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىشقا ئاشقانلىقىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى سۇنىدۇ ۋە بۇ كىشىنىڭ ۋاقىتلىق قولغا ئېلىنىشىنىڭ بىر مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر