تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى مۇسۇل ۋە تەلافەردىكى پۇقرالارغا ياردەمگە ئاتلاندى
ياردەم سەپەرۋەرلىكى ئۇچۇرىدا « قىش پەسلى كېلىۋاتقان مەزگىلدە مۇسۇل ۋە تەلافەردە 2 مىليون ئىنساننى قېيىن كۈنلەر كۈتۈپ تۇرماقتا. ئىئانىلىرىمىز ئارقىلىق مۇسۇل ۋە تەلافەرنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئېھتىياجىنى قامدايمىز» دېيىلدى.
![تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى مۇسۇل ۋە تەلافەردىكى پۇقرالارغا ياردەمگە ئاتلاندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/900c/f464/69b8/57568b1731fff.jpg?time=1718863199)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى ئىراقنىڭ مۇسۇل ۋە تەلافەر شەھەرلىرىدىكى 2 مىليون كىشىنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ياردەم سەپەرۋەرلىكى باشلاتتى.
تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى باشلىقى دوكتور كەرەم كىنىك ياردەم سەپەرۋەرلىكىنى تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلدى.
دوكتور كەرەم كىنىك تارقاتقان ئۇچۇرىدا، «مۇسۇل ۋە تەلافەردە 2 مىليون ئىنساننى قېيىن كۈنلەر كۈتۈپ تۇرماقتا. قىش پەسلى كېلىۋاتقان مەزگىلدە مىڭلىغان كىشى ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولماقتا. ئىئانىلىرىمىز ئارقىلىق مۇسۇل ۋە تەلافەرنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئېھتىياجىنى قامدايمىز» دېدى.
ياردەم سەپەرۋەرلىكىگە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان كىشىلەر «MUSUL» دەپ يېزىپ، 2868 نۇمۇرغا قىسقا ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق بىر قىسقا ئۇچۇر بىلەن 10 تۈركىيە لىراسى ئىئانە قىلالايدۇ.
مۇسۇلنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلىنىشى ئۈچۈن ئىراق ئارمىيەسى، پەشمەرگە قىسىملىرى ۋە ئاساسلىق كۆپ قىسمى باشىكا لاگېرىدا تۈركىيە ئەسكەرلىرى تەربىيلەپ يېتىشتۇرگەن نىنوۋا مۇجاھىتلىرى 17 – ئۆكتەبىر كۈنى بىرلىكتە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.
شەھەردە دائېشنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغان مىڭلىغان كىشىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718863199)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718863199)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.