ئەردوغان، تۈركىيە مۇسۇل ھەرىكىتىگە قانداقسىگە قېتىلمايدۇ؟ دەپ سورىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «تۈركىيە مۇسۇلغا كىرمىسۇن» دېگۈچىلەرگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ھالدا، «ھەربىي ھەرىكەتتىمۇ، ئۈستەل ئەتراپىدىمۇ بولىمىز» دېدى.
![ئەردوغان، تۈركىيە مۇسۇل ھەرىكىتىگە قانداقسىگە قېتىلمايدۇ؟ دەپ سورىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/cfa9/9b73/ec13/5804a18ba32e8.jpg?time=1718829420)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئىراق بىلەن 350 كىلومېتىر چېگراسى بار بولغان تۈركىيە مۇسۇلغا قانداقسىگە كىرمەيدۇ؟» دەپ سورىغان ئەردوغان، ئىراق ھۆكۈمىتىدىنمۇ <بىزنىڭ كېلىڭلار دېگەنلىرىمىزدىن باشقىلار كەلمىسۇن> دېيىشمەكتە. 14، 15 يىل ئىلگىرى (ئامېرىكا ئىشغالى) <كېلىڭلار> دېمىسەڭلارمۇ كەلگەنلەرگە <كەلمەڭلار> دېدىڭلارمۇ؟» دەپ سورىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، خەلقئارا ئىستانبۇل قانۇن قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ، ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن باشلانغان ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا توختالدى. مۇسۇلدىن تۈركىيەگە قارىتا تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، شەھەردىكى باشىكا بازىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇ يەردە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
بۇ لاگېردا تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئىراق خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە پەشمەرگەنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىش بويىچە تەربىيەلىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، بۈگۈن مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ مەزكۇر كىشىلەرنىڭ سايىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
تۈركىيەنىڭ مۇسۇلدىكى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلماقچى بولۇش سەۋەبىنىڭ، بىر مەزھەپ توقۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنىڭ مەلۇم بولۇشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، «بىز سۈننى – شىئە توقۇنۇشىغا ماقۇللۇق بىلدۈرمەيمىز. ئىراق ئارمىيەسى شىئەدىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇلار مۇسۇلغا كەلگىنىدە سۈننىيلەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ. ئەيىبكە بۇيرۇشمىسۇن، بىز يېڭى مەزھەپ توقۇنۇشلىرىغا <ماقۇل> دېيەلمەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.
دائېشنى باھانە قىلىپ سۇرىيە ۋە ئىراق ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىلماقتا. ئۇلار خالىسا، دائېشنى دەرھال يوقىتالايدۇ» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، لېكىن، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە قانىتى PYD نى قورال بىلەن تەمىنلىگەن ئاڭنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغىمۇ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، PYD ۋە YPG ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ سۇرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىدىن چىقىرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىدە تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ، «ئۇ يەرنىڭ %95 ى ئەرەبتۇر. بۈگۈن ئەتىگەندىمۇ بۇ مەلۇمات يەتكۈزۈلدى. ئەگەر ئۇ يەردىكى PYD ۋە YPG تېررورچىلىرىنى تازىلىمىساڭلار، سىلەر بىلەن بولغان شېرىكچىلىكىمىز ئاخىرلىشىدۇ» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718829421)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718829421)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.